چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئايرىمچىلىق قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

952587
چاۋۇشئوغلۇ ستولتېنبېرگ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى؛ ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، «ناتو تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىنى كۈتمەكتىمىز. باش كاتىپنىڭ مۇشۇ قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قارشىمىز. بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەرگەن چاغدىكى «تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى ئايرىۋەتتۇق» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەپسۇسكى كۆپ ساندىكى ياۋروپالىق دوستىمىز ئىشنىڭ جىددىيلىكىدىن يىراق، پوزىتسىيەگە ۋەكىللىك قىلىشماقتا. فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ باياناتلىرى پەرقلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلدى. (بىز ئۇنىڭ) بىر پىرېزىدېنتقا يارىشىدىغان باياناتلارنى بېرىشىنى كۈتىمىز. ماكرون، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن (مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەنقەرەدە) ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن كەلمىدى. بۇ ۋەقەلەر دۇمادىكى ھۇجۇمدىن (7- ئاپرېلدىن) بۇرۇن بولدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرى بىلەن بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىز بار. بۇ خىل باياناتلار توغرا باياناتلار ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بويىچە تۈركىيەنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش سىياسىتىنى ياقلىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ستولتېنبېرگ، خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا توغرىسىدا بولسا، «بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەقسىتى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى سىگنالىنى بېرىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە , #ناتو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر