« تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز»

ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك ئورگىنىغا قاراشلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دومىنىكو بۇرگوس تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

947807
« تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك ئورگىنىغا قاراشلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دومىنىكو بۇرگوس: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز. دۇنيادا تۈركىيەدەك نۇرغۇن مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىككىنچى بىر دۆلەت يوق، دېدى.

بۇرگون ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك ئورگىنى بىلەن تۈركىيە يېزا-ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەر دائىرىسىدە ئوسمانىيە ۋىلايىتىدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان پارنىكلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

پارنىكلارنى تولىمۇ ياقتۇرغانلىقلىرىنى ئېيتقان بۇرگون سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ تىرىكچىلىك يوللىرىنى ياخشىلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، بىز مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەن ھال ئەھۋالىشىپ ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشمۇ بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىمىزدىن بىرىدۇر. بۇرۇنمۇ گازىئانتەپتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى مۇشۇ مەقسەتتە ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدۇق، بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.»

تۈركىيەگە كەلگىلى بىر كۈن بولغان بولسىمۇ بولىۋاتقان ئىشلاردىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكلىرىنى ئېيتقان بۇرگون مۇنۇلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز، دۇنيادا تۈركىيەدەك نۇرغۇن مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىككىنچى بىر دۆلەتنى تاپالمايمىز، بىز مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم ۋە ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. بىز ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش يوللىرىنىمۇ خىلمۇ خىلاشتۇرۇشىمىز لازىم، بۇ مەقسەتتە بۇ پارنىكلاردا پەمىدور، پىدىگەنگە ئوخشاش كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق سۈرىيەلىك بالىلار ئىچىدە كۆرۈلگەن ناچار ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلەيمىز، بۇنىڭدىن تاشقىرى سۈرىيەلىك نامراتلار ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشىماقتا، ئۇلار ئۈچۈنمۇ ھەر خىل تىرىكچىلىك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.»

مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان خىزمەت ۋە لايىھەلەر دائىرىسىدە باشقا دۆلەتلەردىكى لاگېرلارنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان بۇرگون ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېدى: «ياۋروپادىلا ئەمەس ئافرىقىدىكى نۇرغۇن مۇساپىرلار لاگېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، بۇ جايلاردىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى تولىمۇ ناچار بولۇپ تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا  قەتئىي سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر