تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 12 نۇقتىسىنى بىتچىت قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھارقۇق، سىنات-ھاپتانىن، زاپ ۋە مەتىنا قاتارلىق رايونلاردىكى 12 نۇقتىسىنى بىتچىت قىلدى.
![تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 12 نۇقتىسىنى بىتچىت قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dac4/51ca/0959/5ac9cbccdbe86.jpg?time=1718990146)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھارقۇق، سىنات-ھاپتانىن، زاپ ۋە مەتىنا قاتارلىق رايونلارغا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 12 نۇقتا بىتچىت قىلىندى.
تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھارقۇق، سىنات-ھاپتانىن، زاپ ۋە مەتىنا قاتارلىق رايونلاردا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقان تېررورچىلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ رايونلارغا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە قونالغۇ، قورال-ياراغ ئىسكىلاتى بولۇپ 12 نۇقتا بىتچىت قىلىنغان.
بۇنىڭدىن تاشقىرى دىيارباكىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورچىلارغا تەۋە 7 ئۆڭكۈر بىلەن 3 يۈرۈش تىزگىنەكلىك پارتلاتقۇچ ماددا ۋەيران قىلىندى.
ھەربىي ھەرىكەتتە يەنە M-16 تىپلىق پىيادە مىلتىقى، 3 پىلىمۇت، 356 تال ئوق، نۇرغۇن تاپانچا ۋە 2 تال قول بومبىسى ۋە نۇرغۇن ماتېرىيال قولغا چۈشۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718990147)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.