ۋارنا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

ۋارنا باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى.

945611
ۋارنا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ۋارنا باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاكس، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر ۋە ساھىبخان دۆلەت بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئىزدا توختاپ قالغان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن مۇھىم ئىدى. دەرۋەقە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ساھەلەرنىڭ بىر چېتىگە قايرىپ قويۇلۇشى نىشان قىلىنىۋاتاتتى. يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى، تۈركىيەمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 2016 – يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتى تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. بىر تەرەپلىمىلىك قاراشقا ئاساسەن تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنىڭ جاۋابكارى تۈركىيە ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىلگىرى ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاچان ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋاقىت توختاتمىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان  كۈرەشكە قارىتا خۇددى ئادەتتىكى بىر ۋەقەدەكلە پوزىتسىيە تۇتقانىدى. 2016 – يىلقى تەرەققىيات دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 2017 – يىلى ئېلان قىلماقچى بولغان تەرەققىيات دوكلاتىنى توڭلىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىققا نامزات دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىنغان 1999 – يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم (باشقا نامزات دۆلەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە)  تۈركىيەگە ئالاقىدار يىللىق دوكلات كومىتېت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى مەسىلە يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى تەشكىل قىلغان.

بىرىنچىسى، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنغان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەكلىپى مەسىلىسى. تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان 1996 – يىلى 1 – يانۋاردىن بۇيان خەلقئارالىق سودا ئىشلىرىدا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يېڭى ئەھۋاللار تۈركىيە بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن «ئەۋزەللىك» سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ھۆكۈملەرنى مەنىسىز قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن خېلىلا كېيىن ئەركىن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان بەزى دۆلەتلەرگە بەرگەن ھەق – ھوقۇقلار، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان تۈركىيەنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالمۇ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامىلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىياجىنى تۇغدۇردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولسا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش مەسىلىسى ئىدى. تۈركىيە قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كۆچمەن ئېقىنىنىڭ توختىشىدا ئەڭ زور تۆھپىلەرنى قوشقان دۆلەت بولدى. شۇنداقتىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ، تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئېلىش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇۋاتىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا پات يېقىندا ھەل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرى بار. شۇڭا، مۇناسىۋەتلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ داۋاملىق داۋالغۇش ھالىتىدە بولىدۇ، دېيىش مۇمكىن. نۆۋەتتە تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككى ئاكتىيورنى بىرلەشتۈرگەن كۆپلىگەن ئىستىراتېگىيەلىك ئورتاق مەنپەئەتلەر بار. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تۈركىيە بىلەن ئۆزىنى بىرلەشتۈرگەن ئورتاق نۇقتىلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق سەلبىي مەنزىرىگە قارىماي يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ۋە ئىتتىپاققا ئەزا بەزى دۆلەتلەردىن كەلگەن سىگناللار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدا، تۈركىيەنىڭ  رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى، رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى سېتىۋېلىش قارارى قاتارلىقلار ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىۋاتقان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يىراقلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن مۇھىم بىر دۆلەت بولسا (ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە ياكى باشقا بىر دۆلەتكە يېقىنلىشىشىنى خالىمىسا)، ئۇنداقتا، تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋارنا باشلىقلار يىغىنىدا نامايەن قىلغان پوزىتسىيەسى ئىنتايىن مەنىلىكتۇر. ئەردوغان يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە ھېچ توختالمىدى، ئەكسىچە، تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى، تەلەپلىرىنى ۋە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇشىنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئەمەسلىكىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن مۇنەججىم بولۇش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى كەينىگە چېكىنمەكتە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر نىشان بولۇشتىن يىراقلاشماقتا.

تۈركىيە 1974 – يىلقى «قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى» باسقۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر تارىخىي دەۋردە ھازىرقىدەك يۆنىلىشىنى غەربتىن ئۆزگەرتكەن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە جامائەتچىلىكىمۇ غەربتىن يىراقلىشىشقا بۇنچىلىك قايىل بولغان ئەمەس. شۇڭا، نۆۋەتتە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشقا تېگىشلىك تەرەپ تۈركىيە ئەمەس، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر. جۈملىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇنداق قارار چىقىرىشى كېرەك: «يەر شارى خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى خالامدۇق؟ ياكى پەقەت رايونلۇق بىر كۈچ سۈپىتىدىلا ئۆز مەۋجۇديىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالامدۇق؟»

ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەقىقەتەنمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى خالىسا، ئۇنداقتا، تۈركىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى شەرت. ئەگەر پەقەت رايونلۇق بىر كۈچ سۈپىتىدىلا ئۆز مەۋجۇديىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا، ئۇنداقتا، تۈركىيەگە قارىتا قوش ئۆلچەملىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق قوش ئۆلچەملىك سىياسىتى ۋە ئىككى يۈزلىمىلىك پوزىتسىيەسىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ قىلىنى تەۋرىتىپمۇ قويمايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر