«İHH» سۈرىيەدە قەتلىئامدىن قاچقان پۇقرالارغا ياردەم قىلماقتا

ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH» ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىدىن كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا پاناھلىنىۋاتقان پۇقرالارغا ياردەم قىلماقتا.

946078
«İHH» سۈرىيەدە قەتلىئامدىن قاچقان پۇقرالارغا ياردەم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH» سۈرىيەنىڭ ئەلباب ناھىيەسىگە قاراشلىق شىبەيران يېزىسىدا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتە پۇقرالىرىغا ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق تارقىتىپ بەرمەكتە.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH» خادىملىرى كۆچۈپ چىققان پۇقرالارنى يولدا قارشى ئېلىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ياردەم بويۇملىرى، سۇ، كونسىرۋالىق تاماق، نان، مىۋە ۋە بالىلار زاكىسى تارقىتىپ بەرمەكتە. 

ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH» نىڭ كىلىس ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئەلى ئىمران دۇمان، ئانادولو ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «قورشاۋدىن قېچىپ ئىدلىب رايونىغا كەلگەن ئائىلىلەرنى قارشى ئېلىپ، لاگېر قۇرغان ئىدۇق. يېقىندىن بۇيان شەرقىي غۇتەدىن فىرات قالقىنى رايونىغا كەلگەن ئائىلىلەرنى قارشى ئېلىپ، ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرىۋاتىمىز» دېدى.

يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە 147 كىچىك بالا، 175 يارىدار بولۇپ، جەمئىي 3289 كىشى فىرات قالقىنى رايونىدىكى ئەلباب ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئازەز رايونىغا يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر