تۈركىيە گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

ئەنقەرە گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئىككى ئەسكىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

943110
تۈركىيە گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەدىرنەدە 1 – مارت كۈنى چەكلەنگەن ھەربىي رايونغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىككى گىرېتسىيە ئەسكىرى ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بارغانسېرى چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيەگە پايدىلىق بولغان ھامان <قانۇن دۆلىتى> پىرىنسىپىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىۋاتقانلىقى، زىيانلىق بولغان ھامان، بۇ پىرىنسىپنى يوققا چىقىرىپ، خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلەر تەرىپىدىن ئۆزى ھەققىدە چىقىرىلغان قارارلارنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدىغان بۇنداق باياناتلىرىنى ئەپسۇسلانغان ھالدا قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

ئەدىرنەدە 1 – مارت كۈنى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پازاركۇلە ئەتراپلىرىدا گىرېتسىيە ئارمىيەسىگە مەنسۇپ بىرى لېيتېنانت، يەنە بىرى  ئوفىتسېر دەرىجىلىك ئىككى ئەسكەرنى چەكلەنگەن ھەربىي رايوندا نازارەت ئاستىغا ئالغان، ھەمدە مىلتىقلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئەدىرنە قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

ئىككى ئەسكەر تەپتىش مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن «ھەربىي جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «چەكلەنگەن ھەربىي رايونغا كىرىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئاندىن تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى  ئادالەت سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.

ئادالەت سوت مەھكىمىسى 2 – مارت كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، لېيتېنانت دەرىجىلىك ئەسكەر ئاگگېلوس مىترېتودىس بىلەن بىرىنچى سېرژانت دەرىجىلىك ئەسكەر دىمىتروس كوئۇكلاتزىسنىڭ چەكلەنگەن ھەربىي رايونغا كىرىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى ئەسكەر ئىقرارنامىلىرىدە، قاردا كۆرگەن ئاياغ ئىزلىرىنى تەقىب قىلىشلىرى نەتىجىسىدە تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈپ قالغانلىقلىرىنى، يانفۇنلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بولسا باشلىقلىرىغا يوللاش مەقسىتىدە تارتقان ۋە ۋېدىئوغا ئالغانلىقلىرىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر