ئەردوغان كوسوۋو ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوسوۋو پىرېزىدېنتى ھاشىم تاجى ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

940650
ئەردوغان كوسوۋو ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، دۈشەنبە كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كوسوۋو پىرېزىدېنت مەھكىمىسى مۇدىرى ماركو دجۇرىھ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سېربىيە ۋە كوسوۋو رەھبەرلىرىگە، سۈركىلىشنىڭ بېلگراد – پرىشتىنە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى تەۋسىيە قىلغان، ھەمدە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ھۇزۇرى ئۈچۈن سېربىيە بىلەن كوسوۋو ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر