«فىرانسىيەنىڭ ياردىمى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ فىرانسىيەنىڭ پ ي د/ي پ گ/ي پ ج تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىشىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى قانۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

941036
«فىرانسىيەنىڭ ياردىمى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزداغ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئارقىدىنلا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى بولغان پ ي د مەنسۇپلىرىدىن تەشكىل تاپقان س د گ بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپىنى سۇنغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيەنىڭ پ ي د/ي پ گ/ي پ ج تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىشى ۋە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشى، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە تېررورچىلارغا ياردەم بەرگەنلىكتۇر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ھەمكارلاشقانلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقتۇر.»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قارشى ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ، تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ، تېررورچىلارغا ئوخشاشلا مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن بوزداغ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «فىرانسىيەنىڭ رېئاللىقتىن ھالقىغان مۇنداق بىر قەدەمنى تاشلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيەنىڭ دوستلۇقىنى تاشلاپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى تاللىغانلار، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلار، ھامان بىر كۈنى دوستلىرى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىيدۇ.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ بۇ ھەقتە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋىس لې درىئان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىگىلىنىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون سۆھبىتىدە، لې درىئانغا مۇنداق دېگەن: «فىرانسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن س د گ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپى سۇنۇشى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.»

بۇ ھەقتە فىرانسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنغا مەلۇمات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر