تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

933556
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھامى ئاقسوي، ئامېرىكىلىق باياناتچىنىڭ سۆزلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرىنى، نىشانىنى ۋە ماھىيىتىنى ھازىرمۇ چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىنى ياكى ئەپسۇسكى چۈشىنىشنى خالىمىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا» دېگەن باياناتچى ئاقسوي، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بىر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوي، «ھەرىكەت قەتئىي رەۋىشتە پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمىدى، ئەكسىچە (ئۇ) پۇقرالارنى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېسىم ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتقۇزۇشنى نىشان قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇقرالارغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا، پۇقرالارغا ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىلمەكتە.» دېدى.

ھامى ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئافرىندا تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشمۇ بارلىق ئاساسلاردىن خالىيدۇر. سۈرىيەدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسلىق پوزىتسىيە بىر تېررورچى گۇرۇپپىغا قارشى يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىش ۋە بۇ تېررورچى گۇرۇپپىنى ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچى ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي مەيداندا خالىغىنىچە ئىش قىلىشىغا، دېموگرافىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىشىغا كۆز يۇمۇشتۇر» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، تۈركىيە ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى ئافرىننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر