«ئافرىندىن كېيىن مەنبىچنىمۇ، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ، شىمالىي ئىراقنىمۇ ئازاد قىلىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىن رايونىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەنبىچنىمۇ، «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ، شىمالىي ئىراقنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

929559
«ئافرىندىن كېيىن مەنبىچنىمۇ، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ، شىمالىي ئىراقنىمۇ ئازاد قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان 46 – نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېتلىرى مەسئۇللىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا 20 – يانۋار كۈنى قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختالدى.

ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ھازىرغىچە 3 مىڭ 444 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئافرىن رايونىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىمىز. بۈگۈن كەچكىچە ئافرىننىڭ تامامەن قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇ ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. چۈنكى بىز غەربلىكلەردەك پۇقرالارنى ئۆلتۈرمەيمىز. غەربلىكلەر پەقەت ئالجىرىيەدىلا 5 مىليون كىشىنى قەتل قىلدى. رىۋاندادا، لىۋىيەدە ۋە ئىراقتا ئون مىڭلارچە، ھەتتا يۈز مىڭلارچە كىشىنى ئۆلتۈردى. شۇڭا، ئۇلار ئالدى بىلەن بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى لازىم. بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلاۋاتقاندەك، تۈركىيە پۇقرالارنى نىشان  قىلغان بولسا، ئافرىن مەسىلىسى ئاللىقاچان ھەل بولغان بولاتتى.»

تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا ئىشلىتىۋاتقان قورال – ياراغلارنىڭ % 65 تىنىڭ يەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ نىسبەتنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، ئافرىن شەھەر مەركىزىدە تىركىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان تېررورچىلارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى رايونغا كىرگەن ھامان بەدەر تىكىۋەتەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قېچىش جەريانىدا شەھەردىن چىقىشنى خالىغان پۇقرالارنى جانلىق قالقان قىلىش نىيىتىدە چىققىلى قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە تېررورچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغىلا ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇمكى، تېررورچىلار ئافرىن رايونىدىكى تاغلاردا تۇنېللارنى بەرپا قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۈچى يېتەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەر بار.»

سۈرىيەدىن كېيىن شىمالىي ئىراققىمۇ ھەربىي ھەرىكەت  ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بەرگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئافرىن رايونىدىكى <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەنبىچنىمۇ، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ، شىمالىي ئىراقنىمۇ چوقۇم تېررورچىلاردىن تازىلايمىز. يېقىندا شىمالىي ئىراقتىكى تېررورچىلارنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر