ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن تۈركىيە ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن باشاران گوروھىنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىدىكى 11 كىشىدىن 10 ىنىڭ جەسىتى تېپىلدى، سەككىزىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

927391
ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن تۈركىيە ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران قىزىل ئاي ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ چاھارماھال ۋە بەختىيارى ئۆلكىسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى رىزا زاھىرى ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرناغا بايانات بېرىپ، شۇ جاي ۋاقتى 3:00 ئەتراپىدا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىپ، ۋەقەدە قازا قىلغان 8 كىشىنىڭ كىملىكىنى بېكىتكەنلىكىنى، ئىككى جەسەت كۆيۈپ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى، قالغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىيار ناھىيەسى كىرىزىس ئۈستىلى مۇدىرى قادەمالى مەردانىمۇ مەزكۇر ئاگېنتلىققا بايانات بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن قوزغىلىپ ئىستانبۇلغا قاراپ كېتىۋاتقان تۈركىيەدىكى بىر شىركەتنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىنىڭ دۆلەت (ئىران) نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چاھارماھال ۋە بەختىيارى ئۆلكىسىگە قاراشلىق كىيار ناھىيەسىگە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 3ى ئايروپىلان خادىمى بولۇپ جەمئىي 11 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن ئىلگىرى تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ قونۇش ئىجازىتى تەلەپ قىلغان ئايروپىلاندىكى 8 يولۇچى، سودا – سانائەتچى باشاراننىڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر