تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا يۈزلىنىش سىياسىتى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا يۈزلىنىش سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز..

926046
تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا يۈزلىنىش سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا يۈزلىنىش سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

2005 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان ئافرىقا قىتئەسىگە يۈزلىنىش سىياسىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش، سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئوخشاش شەرت – شارائىت ئاستىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشانىنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ سىياسەت تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئوبرازىنى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەردىن پەرقلىق قىلدى، ئافرىقىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى تۈركىيە ئوبرازىغا ئىجابىي ھەسسە قوشتى ۋە تۈركىيەنى ئافرىقىدىكى مۇھىم بىر ئاكتىيورغا  ئايلاندۇردى.

تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا ئېچىۋېتىش سىياسىتى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان، تۈركىيە «كۆپ قاتلاملىق تاشقى سىياسەت» يۈرگۈزۈش يۆنىلىشىنى ياقلىدى. بۈگۈننىڭ تۈركىيەسى، ئۆتمۈشتە ئىككىنچى پىلاندا قالدۇرۇلغان رايونلارغا يۈزلىنىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ رايونلارنىڭ ئەڭ جەلىپكارى بولسا، «ئافرىقا قىتئەسى» دۇر.

ئافرىقا قىتئەسى تەبىئىي بايلىقلىرى، ياش ۋە دىنامىك نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەر نۇقتىسىدىن ئىستىقبالى پارلاق بىر قىتئە بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا.

تۈركىيە – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىمۇ 1990 – يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. 1998 – يىلى قوبۇل قىلىنغان «ئافرىقىغا يۈزلىنىش ھەرىكەت پىلانى» ئىككى تەرەپ ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇلاردىن باشقا دۆلەتلەر ئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ زىيارەتلىرى، ئىنسانىي ياردەملەر، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كونسۇلخانا، ئەلچىخانا قاتارلىقلارنىڭ كۆپەيتىلىشى، سودا توختاملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى قاتارلىقلارمۇ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن يېقىنلىشىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى.

2005 – يىلىنىڭ تۈركىيەدە «ئافرىقا يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنلىرىغا كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشقا باشلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولۇش يولىدىمۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2005 – يىلى باشلانغان بۇ يۈزلىنىش، ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي جەھەتتە قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈنۈممۈ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى.

ئافرىقا بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە سودا توختاملىرى تۈزۈش جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى. «ئافرىقا بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى» بۇنىڭ كونكېرت مىسالى بولۇپ، دۇنيا سودىسى نۇقتىسىدىنمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە نۇقتىسىدىنۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ سۈرئىتى ئاشقان 2011 – 2015 – يىللىرى ئارىسىدا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆزىنى ھېس قىلدۇردى.

تاشقى سودىدا شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى؛ بۇ نۇقتىدا، 2011 – 2015 – يىللىرى ئارىسىدا مىسىرغا 16 مىليارد 61 مىليون دوللارلىق، ئالجىرىيەگە 9 مىليارد 192 مىليون دوللارلىق، لىۋىيەگە 9 مىليارد 120 مىليون دوللارلىق، ماراكەشكە 5 مىليارد 874 مىليون دوللارلىق ۋە تۇنىسقا 4 مىليارد 225 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتە، مىسىردىن 7 مىليارد 3 مىليون دوللارلىق؛ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىن 6 مىليارد 832 مىليون دوللالىق، ئالجىرىيەدىن 4 مىليارد 451 مىليون دوللارلىق، ماراكەشتىن 3 مىليارد 925 مىليون دوللارلىق ۋە تۇنىستىن 4 مىليارد 225 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېمپورت قىلىندى.

تۈركىيە، ئافرىقا قىتئەسىدە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى ساھەسىدىمۇ مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى؛ تۈرك قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەردە روياپقا چىقارغان ئومۇمىي قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ پېيى %17.5 لىك ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت لىۋىيە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئالجىرىيە، ماراكەش، ئىپىئوپىيە، نىگېرىيە، سۇدان ۋە كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسى بىلەن بولغان تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىش ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ دائىرىدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى (تىكا)نىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئېچىلغان تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش ۋە مائارىپ ساھەسى بويىچە ياردەم بېرىش ئىشخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلماقتا. 2017 – يىلى ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئىنسانىي ياردەم دوكلاتى، تۈركىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمىغا سېلىشتۇرغاندا، دۇنيانىڭ ئەڭ مەرت دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمنىڭ %0.75 نى ياردەم ئىشلىرىغا ئاجرىتىپ، تۇنجى قېتىم ب د ت نىڭ %0.7 لىك نىشانىدىن ھالقىپ كەتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىمۇ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىدىن پەرقلىق ھالەتتە تۈرك تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئافرىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

تۈركىيە بىر تەرەپتىن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ئەكسىچە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش شەرتلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سودىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇڭا ئافرىقا دۆلەتلىرى، مۇستەملىكىنىڭ مەركىزى بولۇشتىن چىقىپ، تۈركىيە ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرگە ئايلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر