تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىنىڭ مەركىزىگە كىرىشىگە ئاز قالدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىنىڭ مەركىزىگە كىرىشىگە ئاز قالدى.

926566
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىنىڭ مەركىزىگە كىرىشىگە ئاز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20 – يانۋار كۈنى قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى داۋاملاشماقتا.

ئافرىن رايونىنىڭ مەركىزىگە ئېچىلىدىغان «جىندەرەس» تېررورچىلاردىن تازىلاندى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ناھىيە مەركىزىنىڭ چېگراسىغا يېتىپ باردى.

شاۋارىگھات ئەلجاۋىز، بۈيۈك ھابولۇ، مەلكىيە ۋە قۇرت فارمەت يېزىلىرى بىلەن ئافرىن ناھىيە مەركىزىگە قاراشلىق ئاناب ۋە مەريەمەين يېزىلىرىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاندى.

ئافرىن ۋە ئەزىز ناھىيەلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان 17 –  ئاپرېل توسمىسىمۇ كونتىرول ئاستىغا ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ھەرىكەت باشلاندىن بۇيان 164 نۇقتا تېررورچىلاردىن تازلانغان بولدى، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى بولسا 3 مىڭ 213 كە يەتتى، ئافرىنىڭ شىمالىدىكى كورتا، باباك ئۇشاغى يېزىلىرى تېررورچىلاردىن تازىلاندى، 815 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەنىڭ كونتىروللۇقى تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر