ئەردوغان رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

924925
ئەردوغان رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي غۇتە ۋە سۈرىيەنىڭ يېقىنى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەردوغان بىلەن رۇھانى شەرقىي غۇتەدىكى پاجىئەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇلىشىغا دائىر تىرچانلىقلارنىڭ تېخىمۇ سۈرئىتىنى تىزلىتىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئاخشاممۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.

ئاخشامقى تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ شەرقىي غۇتەدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ۋە سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر