تۈركىيە ئامېرىكىلىق باياناتچىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تېررورچىلارنى قوللاش خاراكتېرلىك باياناتلارنى بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

919988
تۈركىيە ئامېرىكىلىق باياناتچىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەنبە كۈنى چىقارغان رايونغا ئىنسانىي ياردەملەرنى يەتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا چىقارغان قارارىنىڭ پۈتكۈل سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە تۈركىيەگە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قايتا ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھېئىتېر نائۇئېرتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تېررورچىلارنى قوللاپ بايانات بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.

باياناتتا، «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ <تۈركىيە تەرىپىدىن ياخشى ئوقۇلۇشى> كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى تۈرلۈك ئاساسلاردىن يوقسۇل ۋە قارارنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ياكى بۇ نۇقتىنى بۇرمىلىماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، «2401 نومۇرلۇق ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى، (سۈرىيە) ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە يۈزلەرچە پۇقرانى قەتل قىلىشىغا ۋە دوختۇرخانا، مەكتەپ دېگەندەك پۇقراۋى ئورۇنلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشى، يەنە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇھاسىرىگە ئېلىش سىياسىتى ئاچلىققا مەھكۇم قىلغان كىشىلەرگە ئىنسانلىق قولىنى سۇنۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. قارار، شەرقىي غۇتە قاتارلىق سۈرىيەدە ناچارلىشىۋاتقان ئىنسانىي ۋەزىيەتكە قارىتا جىددىي ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈشكە ۋە تېببىي تارقاقلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە توقۇنۇشلارنىڭ كېچىكمەستىن توختىتىلىشى ۋە كەم دېگەندىمۇ 30 كۈن بويىچە ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا» دېيىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «قاراردا كۆرسىتىلگەن ئىنسانىي ۋەزىيىتى ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان جايلار ئارىسىدا ئافرىن تىلغا ئېلىنمىغان، چۈنكى، ئافرىندا داۋاملىشىۋاتقىنى قاراردا كۆزدە تۇتۇلغىنىدەك پۇقرا – تېررورچى ئايرىپ ئولتۇرمايدىغان بىر توقۇنۇش ئەمەس، سۈرىيەنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان تېررورچى تەشكىلاتلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر كۈرەشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تەرەپلىرىدىن بىرى ئەمەسلىكى، ئافرىندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭمۇ ب د ت كېلىشىمىنىڭ 51 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر