تۈركىيە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشى توغرۇلۇق فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.
![تۈركىيە فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d6a6/347e/5508/5a643df6637bf.jpg?time=1719030883)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەردوغان بىلەن ماكرون ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدىكى پەرق ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە خاتا مەلۇمات بېرىلىشكە قارىتا نارازىلىقىمىزنى فىرانسىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزدۇق.»
ئاقسوي جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىكىدەك ئەمەسلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ماكروننىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2401 – نومۇرلىق قارارى ھەققىدە سۆز ئاچمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719030884)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.