تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن يېڭى ئولتۇراق جاي قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

917211
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇسنىڭ جەنۇبىدا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئاساسلىق كۆپ قىسمى پەلەستىنلىكلەرنىڭ خۇسۇسىي مۇلكى بولغان جايلارغا 3000 يېڭى ئائىلە قورو سېلىشنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ قەدەمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن تاشلىغان بۇ قەدەملىرىگە رەددىيە بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، «ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىدا ئۇلتۇراق رايون قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشغالىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالغا كەلتۈرمەكچى ۋە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلماقچى شۇنداقلا تىنچلىق باسقۇچىنىڭ ئاساسىنى يوقاتماقچى بولماقتا» دېيىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر