تۈركىيە ترامنىڭ داۋۇستا قىلغان سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسلىسى ۋە قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

898134
تۈركىيە ترامنىڭ داۋۇستا قىلغان سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ترامپنىڭ 25 – يانۋاردا شىۋېېيىتسارىيەنىڭ داۋوس يېزىسىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى ۋە قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە دائىر ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي يازما باياناتىدا: «مەزكۇر سۆزلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە يېقىن كىشىلىرىنىڭ رايوننىڭ ھەققىتىدىن ۋە مەسىلىلىرىدىن نە قەدەر ئۇزاق (خەۋەرسىز) ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېدى.

ھامى ئاقسوي قۇددۇسنىڭ ئاخرىقى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ قەتئى تالاش – تارتىشسىز ھالدا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا نىسبەتەن بۇرۇندىنلا ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرى قاتارىدا ئۇرۇن ئېلىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقسوي خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھەل قىلىش باسقۇچىغا دائىر مۇقىملاشتۇرغان يەرلىك دائىرىسىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئومۇمىي كېڭەش قارالىرى قاتارلىق خەلقئارا قانۇنلارغا زىت شەكىلدە ئېلىنغان ھەمدە ئاساسەن خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئۆز بېشىمچە ئۇنداق قارارلار بىلەن ئۆزگەرتىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلدى. 

ھامى ئاقسوي مۇنداق دېدى:

«خۇددى شۇنىڭدەك ئىسرائىلىيە - پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش باسقۇچىدا تەرەپلەردىن پەقەتلا بىرسىنىڭ خاھىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپنى چەتكە قېقىشقا، ھەتتا جازالىنىشىغا ھەسسە قوشۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش يەڭگىلتەك، يىراقنى كۆرۈشتىن خالىي بىر قاراشنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسلىسىدە مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىيالىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. بىز ئامېرىكىنى بالدۇرراق ئۆزى ئەزاسى بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى قاتارلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك ئىدارىسىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر