يىلدىرىم: تۈركىيە بۇ شەرمەنچىلىكلەرگە قەتئىي رۇخسەت قىلالمايدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە 2 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق جايدا دائېش بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

897997
يىلدىرىم: تۈركىيە بۇ شەرمەنچىلىكلەرگە قەتئىي رۇخسەت قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «بەيئوغلۇ سۆھبەتلىرى» پىروگراممىسىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «ھاتايغا ۋە كىلىسكە راكېتامىيوت ئوقلىرى چۈشۈۋاتىدۇ، بومبىلار ئېتىلىۋاتىدۇ، چېگرايىمىز توختىماي دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بىز نېمە قىلىشىمىز لازىم؟ بۇنىڭغا كۆز يۇمامدۇق؟ ئەلۋەتتە، كۆز يۇمالمايمىز» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكادەك چوڭ دۆلەت، توغرىسىنى ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئارمىيەسى، شۇنچىۋالا چوڭ ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، 5-4 دانە پەسكەش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا موھتاج دۆلەت بولۇپ قالدىمۇ؟» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ «تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرالاردا 30 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە قۇرىمز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرى ناتو چېگراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن بىر ناتو دۆلىتىنىڭ ناتو چېگراسىنى تەھدىت دەپ قاراپ، ئارمىيە قۇرۇشىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن، بۇ ئوپئوچۇق دۈشمەنلىكتۇر، تۈركىيە بۇ شەرمەندىچىلىكلەرگە رۇخسەت قىلالمايدۇ، بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىم بولۇشىدىن، كۈچ قانچىلىك بولۇشىدىن ۋە ئىسمى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇخسەت قىلالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر