تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 306 تېرررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىي ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇچۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 306 گە يەتتى.

897282
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 306 تېرررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۈگۈن كۈندۈزدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە، پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىغا تەۋە پاناھلاجايلار ھەمدە قورال - ياراق ئسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن جەمئىي 25 نىشاننىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ھەرىكەتكە قېتىلغان 14 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭمۇ ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ساق سالامەت بازىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسدە، ھازىرغا قەدەر رايوندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا كۆرە، ئاز دېگەندىمۇ 306 پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا» 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر