ئەردوغان: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇزاققا قالمايلا چوقۇم يوقىتىمىز» دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختلىپ، «بۇ كىرىزىسنى ئامېرىكا ئۆزى باشلىغان، مانا ئەمدىلىكتە يەنە ئۆزى تۈگەتتى» دېدى.

878857
ئەردوغان: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇزاققا قالمايلا چوقۇم يوقىتىمىز» دېدى

تۈركىيەئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چوقۇم چېگرا سىرتىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇرە رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ كاستامونۇ ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر راستىنلا سۈرىيەدە ھەممە ئىش گۈل – گۇلىستانلىق بولغان بولسا، ئۇنداقتا 3 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيە پۇقراسى نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشايدۇ؟» دەپ سورىدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«چۈنكى بىزمۇ ۋە بۇ ئىنسانلارمۇ بىلدۇكى، چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدە پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ۋە بەلگىلىرى ئۆزگىرەۋاتىدۇ. زۇلۇم داۋاملىشىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن زالىمنىڭ ئىسمى ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە دائېش بولغان بولسا، بۈگۈن زالىمنىڭ ئىسمى (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرى) ي پ گ ۋە پ ي د بولىۋاتىدۇ. بىز دائېشقا قانداق قىلغان بولساق، بۇ تەشكىلاتلارغىمۇ يەنە ئوخشىشىنى قىلىمىز ۋە چوقۇم چېگرا سىرتىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرىمىز»

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا قورال ياردەم قىلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بىۋاستە ئاگاھلاندۇرغان ۋە رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قورال ياردەم قىلماسلىقىنى جىكىلىگەن كۈندىن بۇيان قورال بىلەن تولدۇرۇلغان 4000 دىن ئارتۇق يۈك ئاپتوبىلىدىكى قوراللارنىڭ تۈركىيە چېگراسىنى بويلىغان ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «ئەمدى دەيدىغان سۆز تېگىگەن نۇقتىغا كېلىپ قالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا ئەمەلىي ئىشقا قارايمىز. مەسىلە ئامېرىكىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىدۇر. ئامېرىكا بىز بىلەن ئىش قىلسا مەمنۇن بولىمىز. ئارىمىزدا ھەل بولمايدىغان ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس، كىرىزىسنى  ئامېرىكىنىڭ ئۆزى باشلاپ، ئەمدىلىكتە يەنە ئۆزى تۈگەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 

تۈركىيەنىڭ بۇنداق ۋىزا كىرىزىسىنى خالىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مانا ئەمدى تۈگىدى. ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىكىمۇ مۇشۇ ئىدى. سۈرىيە مەسلىسىدىمۇ يەنە شۇنداق بولماسلىقىغا بىرەر سەۋەب يوق. بىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئانچە ئۇزاققا قالمايلا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق بىر شەكىلدە چوقۇم يۇقىتىمىز» دېدى.

ئەردوغان قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى سىرتتا خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىپ، «بىر تال تېررورچى قالغانغا قەدەر ئەمەس، ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانغا قەدەر بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر