ئەردوغان تۇنىسقا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇنىس زىيارىتىگە نۇرغۇنلىغان مىنىستىرلار ھەمراھ بولدى.

876472
ئەردوغان تۇنىسقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي ئۇچرىىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولغان تۇنىسقا يېتىپ باردى.

ئەردوغاننى قارتاجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خامېس چىنائۇي، پىرېزىدېنت ئالاھىدە ۋەكىلى لازار قارۇج ھەببى، تۇنىس شەھىرى ۋالىيسى چېلىي بوللاگۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى شائىف ئاللاھ لاسرام، دۆلەتلىك قائىدە - يوسۇن مۇلازىمەتلىرى مۇدىرى مۇندېر مامى، تۇنىسنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەيسال بىن مۇستافا، تۈركىيەنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمەر فارۇق دوغان ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى قارشى ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گنېرال خۇلۇسى ئاقار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئەشرەف فاقىبابا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، مالىيە مىنىستىرى ناچى ئاغبال، مائارىپ مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان ھەمراھ بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر