ئەردوغان: ئىلىم -ئېرپان بىلەن تونۇلغان شەھەرلىرىمىز توقۇنۇشلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

خارتۇم ئۇنىۋېرسىتېتى، «سۇدان دوستلار مەجلىسى» دە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قانۇن پەنلىرى بويىچە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

875771
ئەردوغان: ئىلىم -ئېرپان بىلەن تونۇلغان شەھەرلىرىمىز توقۇنۇشلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇدان دوستلار مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، سۇدانلىقلارنىڭ مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

سۇدانلىقلارنىڭ سۆيگۈسى ئالدىدا ئۆزلىرىنى خارتۇمدا ئەمەس، ئەنقەرەدىكىدەك، ئىستانبۇلدىكىدەك، تۈركىيەدىكىدەك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن تارىخىي خارتۇم ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ، ئافرىقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن مۇنداق بىر ئۇنۋانغا لايىق كۆرۈلۈشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئالاھىدە خۇشاللىنارلىق ۋە پەخىرلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۇدانغا تەلىم – تەربىيە ۋە ئاكادېمىك ساھە بويىچە كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىرغىچە 407 سۇدانلىق ئوقۇغۇچىغا تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ، دۆلىتىمىزدە تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بەردۇق. بۇنىڭدىن باشقا ۋەخپە ۋە جەمئىيەتلىرىمىزمۇ سۇدانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە چىقماقتا، ئۇلارغا تۈركىيەدە ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۇدان زىيارىتىنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىگە يارىشىدىغان شەكىلدە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «رەسمىي ئۇچرىشىشلاردىن باشقا سۇدان خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتىمىز. بۈگۈن ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتتىن ئۆتۈندۈم، سۇدان پورتىغا، ئۇ يەردىن ئارالغا باردۇق. مەلۇمكى، ئۇ يەردە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى رېمونت قىلغان ھەنەفىي ۋە شافىئىي جامەلىرى بار. <بۇ ئارالنى بىزگە بەرسەڭلار، بۇ ئارالنى باشتىن ئاخىر رېمونت قىلىپ، قايتىدىن تارىخىي شەنىگە لايىق ھالەتكە كەلتۈرسەك> دېدىم. چۈنكى، سەۋاكىن ئارىلىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈش بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. يەر بىلەن يەكسان قىلىنىپتۇ. كىم؟! غەرب. غەربنىڭ خاراكتېرىدە بۇ بار... شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ھازىر قايتىدىن رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىزگە نېسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزگىچە خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمەن» دېدى.

ئەردوغان يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېغىر بوران – چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «سۈرىيەدىن ئىراققىچە، لىۋىيەدىن مىسىرغىچە، يەمەندىن پارس قولتۇقى رايونىغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەر قىيىن ۋە مۈشكۈل كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئەسىرلەر بويىچە ئىلىم، ئېرپان ۋە ھېكمەتنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن بۇ شەھەرلىرىمىز ئەپسۇسكى ھازىرغا كەلگەندە پەقەت توقۇنۇشلار ئارقىلىقلا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەسىرلىك كۇتۇبخانىلىرى، تەڭداشسىز ئەسەرلىرى، ئۈستۈن بىناكارلىق ماھارەتلىرى ئەكس ئەتكەن جامەلىرى يا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياكى دۆلەت تېررورلۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن بىر – بىرلەپ يوقىتىلماقتا. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە دۆلەت تېررورلۇقىنى يۈرگۈزمەيۋاتامدۇ؟! ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلار دۆلەت تېررورى يۈرگۈزمەيۋاتامدۇ؟! دوۋن سېندرومىغا دۇچار بولغان 29 ياشلىق مۇھەممەدنى تامغا يۆلەپ قويۇپ ئازار بەرگەنلەر دۆلەت تېررورى يۈرگۈزمەيۋاتامدۇ؟! 15 ياشلىق ئەلجۇنەيدىنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان 20 دەك ئىسرائىلىيە ئەسكىرى دۆلەت تېررورى يۈرگۈزمەيۋاتامدۇ؟! بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ناھەق ئىش قىلىۋاتامدۇق؟! بۇنى ئەجەبا بىزلا كۆرۈپ غەرب دۇنياسى كۆرمىدىمۇ؟! كۆرگەن بولسا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىشىدۇ؟!» دېدى.

ئەردوغان زامانىۋى مۇستەملىكىچىلەر ۋە زامانىمىز ئېمپىرىيالىستلىرىغا نىسبەتەن بىردىنبىر قىممەتنىڭ ئالماس، ئالتۇن ۋە نېفىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان يېگانە نەرسىسى يا يەر ئاستى بايلىقلىرىمىزدۇر ياكى يەر ئۈستىدىكى بازار ئىمكانىيىتىمىزدۇر. ئۇلارغا نىسبەتەن مەسىلە دېموكراتىيە، قانۇن، ئادالەت ئەمەس، ئۇلارغا نىسبەتەن مەسىلە ئىنسان، تەبىئەت، مۇھىت ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەسىلىسى پۇل، مەنپەئەتتۇر. مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، بىر ئۇچۇم نېفىت ئۈچۈن دەپسەندە قىلمايدىغان ھېچقانداق قىممەت، ھېچبىر پىرىنسىپ يوق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ مەنىسى ئافرىقا قىتئەسى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.»

ئەردوغان، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەسىرلەر بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا بەزى قۇلدەك، بەزىدە ماتاغا ئوخشاش ئېلىنىپ – سېتىلغانلىقىغا، باشقا قىتئەلەرگە غەيرىي ئىنسانىي شەرت – شارائىت ئاستىدا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇستەملىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر