ئەردوغان سۇداندا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە سۇدانغا يېتىپ كەلدى.

874747
ئەردوغان سۇداندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ سۇدانغا كەلدى.

ئەردوغان پايتەخت خارتۇمدا سۇدانلىقلار تەرىپىدىن قىزغن كۈتۈۋېلىندى.

سۇدان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىشى پىلانلانغان ئەردوغان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە مەبلەغلەرنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: « ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئافرىقا زىيارىتىدە چاد، تۇنىس ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، رايوننىڭ ۋە خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.»

زىيارەت دائىرىسىدە يەنە بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر