ئەردوغان ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – 25 – دېكابىر سۇداندا، 26 – دېكابىر چادتا، 27 – دېكابىر تۇنىستا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى پىلانلىنىۋاتقان ئەردوغان، سودا – سانائەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە سېلىنمىلارنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئۈچ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەم ھەمكارلىقىمىز توغرۇلۇق كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەزكۇر ئەللەر بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.