ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئويۇنى ئۈستىدە توختالدى

ئەردوغان رەزا دېلوسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، تۈركىيەنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئوينىلىۋاتقان پاسكىنا ئويۇنلاردىن ئۇزاق تۇتۇش ۋە شۇ ئارقىلىق رايوندا تېررورلۇق كارىدورىنى خاتىرىجەم شەكىللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

861685
ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئويۇنى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ۋە ي پ گ غا قورال ياردەم قىلىپ، تۈركىيەگە قارشىي مەخپىي پىلان تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئامېرىكىنىڭ پ ي د ۋە ي پ گ غا يوللىغان قوراللىرىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. بۇ قوراللارنىڭ تۈركىيەگە، ئىران ۋە رۇسىيەگە قارشى ئىشلىتىلىش ئۈچۈن رايونغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.  سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈركىيەنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئەردوغان ئامېرىكىدىكى قوش باشلىق ۋە بىر بىرىگە زىت باياناتلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بىزنىڭ خىتاب ئوبيېكتىمىز سايلام بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھۆكۈمەتتۇر، دائىملىق شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

راققەدىكى دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە پ ي د بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، رايوندىن چىقىپ كېتىشى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارنى مىسىردىكى سەھرا چۆلىدە ئىشلىتىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەگە قارشى قۇرۇلغان توزاقلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تېگى ئىرانلىق رەزا زەررابنىڭ ئامېرىكىدىكى دېلوسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەسلى مەقسىتى، تۈركىيەنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئوينىلىۋاتقان پاسكىنا ئويۇنلاردىن ئۇزاق تۇتۇش ۋە شۇ ئارقىلىق رايوندا تېررورلۇق كارىدورىنى خاتىرىجەم شەكىللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن قوغدىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىلەر تېخىچە 15 – ئىيۇل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى چۈشىنەلمىدىڭلارمۇ؟ فەتھۇللاھ قاتارلىق بۇ بارلىق جىنايەتچىلەرنى سوت قىلىپ، مۇددەتسىز قاماقلارغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇلارنىڭ ئارخىپلىرى سىلەرگە يوللانغان، ھەتتا بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن تۇرۇغلۇق سىلەر يەنە نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىسلەر؟ ھازىر رەزا زەرراب دېلوسى بىلەن بۇلارنىڭ باغلىنىشلىقىنىمۇ كۆرۈلىشىڭلار لازىم. ھېچ كىشىنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەتنى ئامېرىكا سىياسىتىدىكى تالاش – تارتىشلارغا بويۇم ئورنىدا  ئىشلىتىش ھەققى يوقتۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر