تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەبە بەردى.

859824
تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 – نويابىردىن 30 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا دىيارباقىر، تۇنجەلى، بىتلىس، ئاغرى، باتمان، سىئىرت ۋە ئىراقنىڭ شىمالىىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 2 سى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، 100 تېررورسىت ئۇجۇقتۇرۇلغان، 32 پارتلاتقۇچ بىلەن 59 پاناھ جاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ ساندا قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى سۈركىلىشنى پەسەيتىش كونترول كۈچى سۈرىيەدە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىدلىبتە يېقىندا 3 – كۆزىتىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرگەن قىسىملارنىڭ يېڭى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر