ئەردوغان مىسىردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بۇلار قاتىللاردۇر، ئىسلام بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق» دېدى.

854924
ئەردوغان مىسىردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالىقئەسىردىكى ھەربىي ئوفېتسىرلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، مىسىردىكى تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇلار قاتىللاردۇر، ئىسلام بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق. بارلىق رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«مىسىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدا يۈزلىگەن مۇسۇلمان نەق مەيداندا شېھىت بولدى. بۇلار قاتىللاردۇر، ئىسلام بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق. بۇ ھەقەتنى بىلىشىمىز لازىم ۋە بارلىق رايوندا يېڭى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەجبۇريىتىمىز بار. بەلكىم كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، 910 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۈرىيە چېگرايىمىز ۋە 350 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىراق چېگرايىمىزدا تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى ھەمدە بىزنىڭ بۇلۇڭغا كېتىپ قاراپ ئولتۇرىشىمىزنى خالايدىغانلا بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلارنىڭ نېمە خالاۋاتقانلىقى ئەمەس، بىزنىڭ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ نېمىنى خالاۋاتقانلىقى مۇھىمدۇر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر