ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئەردوغاننىڭ تەبرىكنامىسىدە، «ئوقۇتقۇچىلىرى ھەققىگە يارىشا قەدىرلەنمىگەن خەلقنىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ» دېيىلدى.

854612
ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن 24- نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە، ئوقۇتقۇچىلىرى ھەققىگە يارىشا قەدىرلەنمىگەن خەلقنىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردەغان، سۆزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپنىڭ تۈپ ئاساسچىلىرى ۋە كەلگۈسىنىڭ مېمارلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقلىق كىشى ۋە جەمئىيەت، شۇنداقلا باياشات تۈركىيە يارىتىش نىشانىنى بويلاپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

بىنالى يىلدىرىم تەبرىكنامىسىدە: «ئوقۇتۇچىلىرىمىز ئوخشاش بولمىغان قاراشلارغا ھەر دائىم ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە دېموكراتىيەگە يۈرەكتىن ئىگە چىقىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچىلىق رولى ئوينايدۇ» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم چانكايا سارىيىدا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.

باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن بېرى مائارىپقا ئەڭ كۆپ ئېتىبار بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپقا ئاجرىتىلىدىغان خامچوتنى بىرىنچى قاتارغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان بىنالى يىلدىرىم، 2003 – يىلىدا 11 مىليارد لىرا ئەتراپىدا بولغان دۆلەت مائارىپ خامچوتىنى ئەمدىلىكتە 134 مىليارد 727 مىليون دوللارغا چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر