چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

848931
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ساندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ تاللاشنىڭ تاكتىكىلىق سەۋەبلىرى بارلىقىنى قەيت قىلىشماقتا، بىراق بىز بۇ دەۋانى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ دېدۇق. ئىراقتا سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ سۈرىيەدە تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە كېلەچىكى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم. شۇڭا، بۇ يەردە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئەمەس، ھەقىقىي سۈرىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە سىياسىي چارە تېپىشقا مەركەزلىشىش كېرەكلىكىنى پۇرسەتلا تاپساق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ھازىرغىچە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى دېيىلىۋاتاتتى، لېكىن، كۆرۈۋاتىمىزكى، ي پ گ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ جايلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋە بىر تېررور لاگېرى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ رايوندىمۇ دائېش بىلەن ناھايىتى يېقىن ھەمكارلىق ئورناتماقتا. بۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئارىسىدىكى بەزى دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئىنكار قىلالمىدى. دېمەك، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نۆۋىتى كەلگەندە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، نۆۋىتى كەلگەندە توقۇنۇشىدۇ ياكى توقۇنۇشۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر