«تۈركىيە 2050 – يىلى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ»

2050 – يىلى دنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر ئېنىق بولدى: تۈركىيە نۇرغۇن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.

847524
«تۈركىيە 2050 – يىلى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باج تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى شىركىتى (PriceWaterhouseCoopers) 2050 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا ھۆكۈملىق قىلىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. 

شىركەتنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى،  سۈپەتلىك تۇغۇت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى 2017 – يىلى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان غەرب ئەللىرى 2050 – يىلىغا بارغاندا تەدرىجىي ئاجىزلاپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر