يىلدىرىم: ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كېلەچەككە مەركەزلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

844307
يىلدىرىم: ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا قايسى مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز توغرا بولمايدۇ. ساقلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلىلىرىمىز بار. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇلۇشى، كېلەچەككە مەركەزلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئالاقىدار ئەمەلدارغا يەتكۈزىمىز. يەنە رايونغا ئالاقىدار تېمىلار بويىچىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر بار» دېدى.

يىلدىرىم ئىراقتا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكىنىڭ بولۇپمۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى سىياسىتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ ئېتىرازلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئوخشاشلا 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ سوتلىنىشى ۋە قايتۇرۇپ بېرىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپىمىزدىكى تېمىلارنىڭ بىرى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د غا دائېشقا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا بېرىلگەن ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى قوللاشنى توختىتىشى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ مۇددىئاسىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنى تۈگىتىش يولىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان يىلدىرىم، سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولۇۋاتقان ئشىلارغا ئۇلارنىڭ ئىچكى مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراش كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ تەپسىلاتىنى بەك بىلىپ كەتمەيدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشىمىز خاتا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى. بەلكى، ئىچكى قىسىمدا بىر قاتار مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۆزئارىلىرىدا بۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر