تۈركىيە ئامېرىكىنى شىمالىي ئىراقتىكى بېلەت تاشلاشقا قارىتا روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنى 25 – سېنتەبىردە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا تۇراقلىق ۋە روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

816629
تۈركىيە ئامېرىكىنى شىمالىي ئىراقتىكى بېلەت تاشلاشقا قارىتا روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرتنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى» توغرىسىدىكى سۆزىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا، «تۈركىيە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن ئىلگىرىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ روشەن ۋە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. بۇ پوزىتسىيە پۈتكۈل ئىراق خەلقىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىقىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشىنى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىراق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنى، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ قوغدىلىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان پىرىنسىپال ئاساسنى تايانچ قىلماقتا. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئىراقنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك، مۇقىم، تەۋرەنمەس ۋە روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى لازىم» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر