ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ قورال قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان قوراللارغا ئالاقىدار لايىھەنى قايتۇرۇۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

809858
ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ قورال قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 72 – نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان قوراللارغا ئالاقىدار قارارى توغرىسىدا PBS قانىلىدا پىكىر بايان قىلدى.

ترامپ دائىرىلىرىنىڭ قورال سېتىشقا ئالاقىدار لايىھەنى قايتۇرۇۋېلىش قارارىغا ئىشىنەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ۋاشىنگتوننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا قىلغان قورال ياردىمىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بىز پۇل بېرىپ سىلەردىن قورال ئالالمايۋاتقان يەردە، سىلەر نېمىشقا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بۇ قوراللارنى ھەقسىزلا بېرىسىلەر؟» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز بۇ سوئاللىرىمىزنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك شېرىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئىلگىرى سۇنغان قورال سېتىشقا دائىر لايىھەسىنى تۈنۈگۈن قايتۇرۇۋالغانىدى.

ئەردوغاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، 16 – مايدىكى ۋاشىنگتون زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىسكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بىر گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى بىلەن سۈركىلىشىپ قالغانىدى.

ئەردوغان، 30 – ئاۋغۇستتا چىقىرىلغان مۇھاپىزەتچىلىرى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇش قارارىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ئەدلىيەسىنىڭ خىزمەت شەكلىگە ئالاقىدار سەتچىلىكنىڭ پاكىتى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر