ئەردوغان بىلەن دونالد ترامپ نىيۇيوركتا ئۇچرىشىدۇ

ئەردوغان بىلەن ترامپ نىيۇيوركتا ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

804201
ئەردوغان بىلەن دونالد ترامپ نىيۇيوركتا ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان نىيۇيوركتا دونالد ترامپ بىلەن كۆرىشىدىغان بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ۋە رايوندىكى مۇقىملىقنىڭ مەستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ئەردوغان بىلەن ترامپ نىيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىشقا كېلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر