«ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا سۈكۈت قىلالمايمىز»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئەسلا سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

799957
«ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا سۈكۈت قىلالمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى تەرىپىدىن خەلىج يىغى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم – سىتەملەر توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاراكانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قەتلىئامغا پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلسىمۇ، ئەمما بىز ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمىز. ئاراكان مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇد ائۈچ كۈندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى  بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاراكان كىرىزىسىگە چارە تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 19 – سېنتەبىردىن باشلاپ يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم – سىتەملەرنى تېخىمۇ ئۆزگىچە شەكىلدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز ھەمدە بۇ مەسىلىنى ئومۇمىي كېڭەش سەھنىسىدىن پۈتكۈل جاھانغا ئاڭلىتىمىز. ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىمىزدىمۇ يەنە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. ئاراكان مەسىلىسى توغرۇلۇق ھېچكىم بىر نەرسە دېمىگەن تەقدىردىمۇ بىز داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئاراكان جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تۈركىيەگە يىراق بولسىمۇ، ئامما پاكىستان، ھىندىستان ۋە رايوندىكى باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل دۇنياسىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەقەت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭمۇ جىددىي بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىيە نىقابى ئاستىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ شېرىكلىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ ئىنسانلارغا ئورمانلىقتىكى ئېزىپ قالغان بىر بۆكەن، باغدىكى قانىتى سۇنۇپ كەتكەن بىر قۇش، دېڭىزدىكى قارماققا ئىلىنىپ قالغان بىر بېلىقچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋەتقان دۇنيانىڭ تاراتقۇلىرىمۇ بۇ جىنايەتنىڭ شېرىكلىرىدۇر. ئاراكاندا يېرىم ئەسىر بۇرۇن 4 مىليون مۇسۇلماننىڭ قەتل قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنى ئۈچتىن بىرگە چۈشۈرۈپ قويۇش زۇلۇم – بېسىم سىياسەتلىرىگە دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشىمۇ ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىدىغان تىراگېدىيەدۇر. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلاپ، خەلقئارالىق مىخانىزملارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر