تۈركىيە يەمەنگە 2 سەھرا دوختۇرخانىسى ياردەم قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشلامچىلىق قىلغان «ئۈمىدى بول» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە يەمەنگە مىليونلارچە دوللارلىق ياردەم ئەشياسى ئەۋەتىپ بېرىلدى.

780128
تۈركىيە يەمەنگە  2 سەھرا دوختۇرخانىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن ئومۇمىي قىممىتى 21 مىليون دوللار بولغان ئىككى سەھرا دوختۇرخانىسى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەمەن سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن ئەسسەداقە دوختۇرخانىسى مۇدىرى جەمال ئابدۇلھەمىدكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

دوختۇرخانا مۇدىرى ئابدۇلھەمىد، تۈركىيە خەلقىنىڭ سەھىيە جەھەتتە يەمەنلىكلەرگە قىلغان چەكسىز خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىنسانىي پوزىتسىيەسى ۋە باشتا سەھىيە خىزمەتلىرى بولۇپ، پەرقلىق ساھەلەردە يەمەنلىكلەرگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشلامچىلىق قىلغان «ئۈمىدى بول» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى ۋە تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن ياردەم ئەشيالىرى «Blue Fury» ناملىق پاراخوت بىلەن 20 – ئىيۇلدا ئەدەن پورتىغا يېتىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر