تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىكى يىمىرىلىش داۋام قىلماقتا
تېررورچىلارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىن قېچىشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان 4 تېررورچى تۈنۈگۈن شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاننىڭ گۈرپىنار ناھىيەسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىشلىتىلىشى پىلانلىنىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى؛ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاپتوموبىل بومبىنى چۇۋۇپ تاشلىدى.
ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى يول تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان 7 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.
تۇنجەلىنىڭ پۈلۈمۈر ناھىيەسىدىكى يول تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن 15 باكتىكى 375 كلوگرام ئاممونىي نىترات يوقىتىپ تاشلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.