تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گېرمانىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ تۈرك ئەدلىيەسىگە مۇداخىلە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

774260
تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمان باياناتچىلارنىڭ گېرمانىيە پۇقراسى پېتېر ستېئۇدنېرنىڭ تۈركىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «گېرمان باياناتچىلارنىڭ سۆزلىرى دىپلوماتىك نازاكەتسىزلىكتۇر» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گېرمانىيە پۇقراسى پېتېرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىنكى گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر سۆزلەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ قانۇنغا تۇتقان قوش ئۆلچىمىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «2017 – يىلى 18 – ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلىنغان گېرمانىيە پۇقراسى پېتېر ستېئۇدنېر توغرىسىدا گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مۇۋەققەت دىپلوماتلىرى بىلەن مىنىستىرلىقىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، بۇ مەسىلىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، مۇستەقىل تۈركىيە ئەدلىيەسىگە ئىشىنىش كېرەكلىكى، ستېئۇدنېر نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان خەلقئارا قانۇنغا ماس ھالدا كونسۇلخانا ھىمايىسىدە تۇرۇشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقى ئىزاھلاپ ئۆتۈلدى. بۇ ھەقتە بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىزمۇ تەلەپكە ئاساسەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىزاھات بەردى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن گېرمان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ھالدا، «بۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن دىپلوماتىك نازاكەتسىزلىككە ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان باياناتلاردا، تۈركىيە ئەدلىيەسىگە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىنغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ باياناتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. دۆلىتىمىزدە ئەدلىيەنىڭ سالاھىيىتىگە ئاساسىي قانۇنىمىز بويىچە ھېچبىر ئورگان، مەنسەپ، ئورۇن ياكى كىشىنىڭ سوت مەھكىمىلىرىگە بۇيرۇق ۋە يوليورۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقى، تەۋسىيە ۋە كۆرسەتمىدە بولالمايدىغانلىقى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغاندۇر» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

باياناتتا يەنە، «مەزكۇر باياناتلاردىكى سۆزلەر، تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان پەرقلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا باغرىنى ئېچىپ، تېررورچىلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ قانۇنغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىدىكى قوش ئۆلچەمنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر