چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بۇركىنا فاسودا

چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بۇركىنا فاسودا زىيارەتتە بولماقتا

769300
چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بۇركىنا فاسودا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بۇركىنا فاسودا زىيارەتتە بولماقتا.

تۈركىيەدىن بۇ دۆلەتكە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارەتتە مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ زىيارىتى دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ مەنسەبدېشى ئالفا باررىي بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇركىنا فاسو پىرېزىدېنتى كىرىستىيان كابورې تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.

كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.  

زىيارەتتە يەنە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىدىكى تەشكىلاتلىنىش ئەھۋالى بىلەن بۇركىنا فاسودىكى پائالىيەتلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر