يىلدىرىم چىپراس بىلەن قىبرىس توغرىسىدا سۆزلەشتى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
765547
![يىلدىرىم چىپراس بىلەن قىبرىس توغرىسىدا سۆزلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1b8b/1d68/4125/592ed77294f9e.jpg?time=1719105914)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغان ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار پوزىتسىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «خەۋپسىزلىك ۋە كاپالەتلىك» توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئارالدا ئۈزۈل – كېسىل ۋە ئومۇميۈزلۈك چارىنى تەتبىقلاشنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا، تۈرك ۋە گىرېك خەلقلىرى ھوقۇقتىن تەڭ – باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان بىر رامكا ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719105914)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.