تۈركىيە دائېشنىڭ تۈركمەنلەرنى قەتل قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ تەلافەر ناھىيەسىدە 200 تۈركمەننى ئېتىۋېتىشتەك ۋەھشىيانە تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

765776
تۈركىيە دائېشنىڭ تۈركمەنلەرنى قەتل قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى باش ئەلچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، «تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىغا ئورتاقمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز» دېدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى، تەلافەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن قاچقان كۆپ ساندا تۈركمەننى قەتل قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پىلانلاۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، شەھەرنىڭ ئېتنىك ۋە مەزھەبىي قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا بالدۇرراق باشلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر