«قاتار كىرىزىسى رايوندا سۈنئىي فىرونت بەرپا قىلىنىش غەرىزىدە پەيدا قىلىندى»

باياناتچى ئىبراھىم كالىن قاتار كىرىزىسىنىڭ رايوندا سۈنئىي فىرونت بەرپا قىلىنىش غەرىزىدە پەيدا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

755979
«قاتار كىرىزىسى رايوندا سۈنئىي فىرونت بەرپا قىلىنىش غەرىزىدە پەيدا قىلىندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، قاتار كىرىزىسىنىڭ رايوندا سۈنئىي فىرونت بەرپا قىلىش مەقسىتىدە پەيدا قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم كالىن ئىستانبۇلدا ئەرەب ژۇرنالىستلار بىلەن كۆرۈشتى.

قاتار كىرىزىسىنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش مەيدانلىرى بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىبراھىم كالىن، سۈنئىي فىرونت بەرپا قىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

قاتاردا ۋەزىپە ئۆتىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرى توغرۇلۇق توختالغان كالىن، تۈركىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى قاتار ۋە باشقا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇداپىئە ۋە ھەربىي ساھەلەردە مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇراشەرقنىڭ بايلىقى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان كالىن، پېتنە-پاساتلار ئارقىلىق ئوتتۇراشەرقنىڭ بايلىقىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشقا ئۇرۇنۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «رايون ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا تەمشىلەي دەۋاتقان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا غەيرەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بەزى كۈچلەر رايوننىڭ بايلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر