يىلدىرىم گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ گىرېتسىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
752927
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 19 – ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى گىرېتسىيەدە بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپ، رايون ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم زىيارىتى دائىرىسىدە گىرېتسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن بىر ئىپتار پائالىيىتىدە ئۇچرىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.