«دېموكراتىيەنى كۈچەيتىدىغان بارلىق تەكلىپلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دېموكراتىيەنى كۈچەيتىدىغان بارلىق تەكلىپلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

753053
«دېموكراتىيەنى كۈچەيتىدىغان بارلىق تەكلىپلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سابىق ۋە ھازىرقى ئەزالىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم باشقۇرۇش جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ 16 – ئاپرېل كۈنىدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن قوبۇل قىلىنغان رېفېراندۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سىزىقىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يېڭى قانۇن تۈزۈلمىسىدە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ قەغەز ئۈستىدە ئەمەس، ئەمەلىيەت جەھەتتىن پەقەت پارلامېنتقىلا بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت سايلاملىرى بىرلا كۈندە ئوخشىمىغان تىزىملىكلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئاۋاز بەرگەن چاغدا تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغانلىقىنى، پارلامېت ئەزالىرى سانىنىڭ 600 گە چىقىرىلىشى بىلەن خەلقنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا يېڭى قانۇن تۈزۈلمىگە ماسلىشىش مەقسىتىدە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە سايلام قانۇنىغا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارلامېت ئەزالىرى بىلەن سايلىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تار ياكى تارايتىلغان سايلام رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاللاش خاراكتېرلىك دېموكراتىيەنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان بارلىق تەكلىپلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.»

ئاسانىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش ئارقىلىق تۇنجى قەدەم تاشلانغان باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ قانۇن - نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاماملىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، پارلامېنت تاقىلىشتىن بۇرۇن قانۇن – نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇتىقىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە قەنلىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ھەربىي ئىسيانچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە ئىشەنمەسلىكى لازىملىقىنى، ۋەتەنگە شەرمەندىلەرچە خائىنلىق قىلغان ھەربىي ئىسيانچىلاردىن ھامىنى ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى، بۇ باسقۇچنىڭ كۆزەتكۈچىسى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر