چاۋۇشئوغلۇ: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو نە ئىنسانىي، نە ئىسلامىي ئەمەس

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتار كىرىزىسى، سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى.

750178
چاۋۇشئوغلۇ: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو نە ئىنسانىي، نە ئىسلامىي ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادىكى بىر ئىپتار پائالىيىتىدىكى سۆزى جەريانىدا قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختىلىپ، «مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق مۇستەھكەملىنىشى كېرەك بولغان رامىزان ئېيىدا بىز بۇ كىرىزىسنى، بۇ قەدەملەرنى توغرا، دەپ قارىمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاكىمىيەتكە ئەمەس، خەلقكە قارشى چىقىرىلغان قارارلارنى توغرا كۆرمەيمىز. بۇ رامىزان ئېيىدا ئاشلىق، دورا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى توغرا كۆرمەيمىز، ئىنسانىي، ئىسلامىي، دەپ قارىمايمىز. كىشىلەرنىڭ گۇناھى نېمە؟» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى، قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«چۈنكى بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى بىلىمىز، ھازىرغىچە قانداق ئىجابىي رول ئوينىغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق رول ئوينايمىز» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە ۋە ئىراق توغرىسىدىمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇنازىرىسىز مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەلەبتە 45 مىڭ كىشىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندا، ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن بىر دۆلەت بولمىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەلەب ۋە ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، 45 مىڭ كىشىنى قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەلەبتە كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ پۈتكۈل سۈرىيەگە كېڭەيگەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «نۆۋەتتە توقۇنۇشسىز رايونلارنى تەسىس قىلىمىز. كۈرەشنى ئاستانا ۋە جەنۋەدە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر