يىلدىرىم شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم غازىلار ۋە شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

749017
يىلدىرىم شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم چانكايا سارىيىدا غازىلار ۋە شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئىپتار پىروگرامىسىدا، تېررورىزم مەسىلىسىدە ھېچقانداق قوش ئۆلچىمى بولمىغان تۈركىيەنىڭ قولىنى قانغان بولىغان، مەسۇم ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، تېررورىزمنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدىمۇ يەنە خائىن يۈزىنى كۆرستىش ۋە قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى زىلزىلىگە سالغان دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى، ئاخىرىدا تېررورىزمنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنى قەتئىي رەت قىلىمىز، لەنەتلەيمىز. تېررورىزم مەسىلىسىدە بىزنىڭ ھېچقانداق قوش ئۆلچىمىمىز يوق. كىمكى قولىنى قانغا بويايدىكەن، كىمكى مەسۇم ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن، جانغا زامىن بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىگە خىرىس قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. تېررورىستلار بارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلماقتا. تىلى، دىنىي ۋە ئىرقىي قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى قارىقويۇق ئۆلتۈرمەكتە. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇنداقتا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ لېكىنسىز، بىراقسىز بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. .ئەگەر بۇ ھەقتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىسەك، تولىمۇ ئەپسۇسكى، تېررورىزم كۈنسېرى ئەزىۋەيلەپ دۇنيانىڭ بېشىغا تېخىمۇ چوڭ بالايىئاپەتلەر ۋە مۇسىبەتلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، جاندىن كەچسىمۇ ۋەتەندىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر