تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەيىبلەش قارارىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ۋە شېرىكچىلىك روھىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

747553
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 16 – مايدىكى ۋاشىنگتون زىيارىتى ئەسناسىدا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى <نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشى> نى ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇش يولىدىكى بۇ قەدەملىرى ئىجابىي ئەمەس. بۇ، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋە شېرىكچىلىك روھىغىمۇ زىت» دېدى.

باياناتچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان قارار لايىھەسىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئاۋام پالاتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغان ئورۇنسىز بىر قارار لايىھەسىنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تۈنۈگۈن كەچتە (6 – ئىيۇن) ماقۇللىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارار لايىھەسى ئۆتكەن ھەپتە يۇقىرى پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغىمۇ سۇنۇلغانىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسىلىنى بۇرمىلاش ۋە سىياسىيلاشتۇرۇش يولىدىكى بۇ قەدەملىرى ئىجابىي ئەمەس. بۇ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋە شېرىكچىلىك روھىغىمۇ زىت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر