تۈركىيە: قاتارغا ئالاقىدار كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتمەستىن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

746453
تۈركىيە: قاتارغا ئالاقىدار كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، 7 دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ قويۇش قارارى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئېغىر بىر كىرىزىستەك قىلىدۇ. رايوندا، ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ سۈركىلىشلەر پەيدا بولماسلىقى كېرەك. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، يەلكىمىزدىكى ھەر تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىمىز. مۇھىم بولغىنى، دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ئوچۇق تۇتۇلىشىدۇر. بۇ مەسىلىدىمۇ، قاتار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشتا دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ئوچۇق قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ مۇساپىگە قېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈن بىر قىسمى ئىسلام ئەللىرى، بىر قىسمى غەرب دۆلەتلىرى بولۇپ كۆپ ساندا دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا بۇ ئىشقا ئارىلاشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى يوقلاش تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىشنىڭ ھازىرچە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «(بۇ ئەھۋالدا) ئىنجىرلىك بازىسىدىن چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىك قارارى پۈتۈنلەي گېرمانىيە تەرەپ ئۆز ئالدىغا چىقىرىدىغان بىر قارار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەيدىغان بىر سۆزىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر