ئەنقەرە بىلەن بېرلىن ئارىسىدىكى ئىنجىرلىك (ئادانا) سوغۇقچىلىقى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى «ئىنجىرلىك كىرىزىسى» توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

742823
ئەنقەرە بىلەن بېرلىن ئارىسىدىكى ئىنجىرلىك (ئادانا) سوغۇقچىلىقى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى «ئىنجىرلىك كىرىزىسى» توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇنداق شارائىتتا گېرمان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىنجىرلىككە بېرىشىغا يول قويۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن گابون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاكومې بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئىنجىرلىك توغرىسىدا <تۈركىيە بىلەن ئاخىرقى قېتىم يارىشىشقا تىرىشىمىز، ئارقىدىن چېكىنىپ – چېكىنمەيدىغانلىقىمىزغا قارار قىلىمىز> دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى.

گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھەرقانداق ئىشنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىشى، پ ك ك نىڭ گېرمانىيە ئىچىدىكى پائالىيەتلىرى، گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق بېسىم، بولۇپمۇ 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە قوللاپ بېلەت تاشلىغۇچىلارغا ئىشلەتكەن بېسىم قاتارلىقلارنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىر مېركېلغا (25-مايدا) ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ 16 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەمدىلىكتە <بىز ئىنجىرلىككە بېرىشنى خالايمىز>. گېرمانىيە شۇنى چۈشىنىشى كېرەك، <مەن تۈركىيەگە خالىغىنىمنى قىلىمەن، يەنە تۈركىيەدىن خالىغىنىمنى ئالىمەن.> بۇنداق بىر ئىش يوق، ئۇ دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۆرۈشنى خالىساڭلار، تۈركىيەگە دۈشمەنچە پوزىتسىيەدە بولماسلىقىڭلار كېرەك. <مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن، خالىغان يامانلىقنى قىلىمەن، تۈركىيەمۇ مەن تەلەپ قىلغان ھەممە ئىشنى قىلسۇن.> ئۇ تۈركىيە ئۆتمۈشتە قالدى» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېل بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، گېرمان مەنسەپدىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «بۇنداق شارائىتتا بىزنىڭ ئىنجىرلىكنى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىسا، ئورۇن تولدۇرغۇچى قەدەملەرنى تاشلىسا، بۇنىڭغا قاراپ چىقىمىز. ئەمما، كونيادا مەسىلە يوق، كونيا ناتو بازىسى. ئىنجىرلىك بولسا، مېنىڭ بازام. بۇ يەرنىڭ كونتروللۇقى ماڭا تەئەللۇق. بىزگە بۇنداق ھەيۋە قىلىشمىسۇن، تەھدىت سېلىشمىسۇن. <باشقا يەرگە كېتىمىز>، بۇمۇ توغرا پوزىتسىيە ئەمەس. ئەگەر چوقۇم كېتىشنى خالىسا، ئۇنداقتا چىڭ تۇرۇۋالمايمىز.» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئالاقىدار سۆھبەتلەر توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، رىم دائىرىلىرى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىسنىڭ جەنۋە مۇساپىسى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويۇشىنىڭ ئىلگىرىلەشلەرنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، قىبرىس رىم تەرەپنىڭ ئالدىنقى شەرت قويۇش پوزىتسىيەسىنى قوبول قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر